باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى تۇنجى لېي فېڭ خاتىرە سارىيى كۈتۈۋالغان تاماشىبىن 70 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى

2016.03.04 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لېي فىڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى. ھەر يىلى 3-ئايدا، فۇشۇندىكى لېي فىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان لېي فېڭ قەبرىسى گۈللەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، بۇ 22 ياشتا قۇربان بولغان ئۇلۇغ جەڭچىنى ئەسلەيدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ.

  2-مارت چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار ئەترىتى ۋەكىللىرى لېي فېڭ قەبرىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ھەر بىر كىشى بىر تالدىن گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. بېيجىڭدىن كەلگەن لېي فېڭدىن ئۆگىنىش تاكسى شوپۇرى شۈەن جيې مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم لېي فېڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن، بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان كۈچكە ئېرىشتىم، دېدى.

  جۇڭگودىكى تۇنجى لېي فېڭ خاتىرە سارىيى بولغان فۇشۇن لېي فېڭ خاتىرە سارىيى 1965-يىلى ئېچىۋېتىلگەندىن ھازىرغىچە تۆت قېتىم ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 70 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى، 2015 ـ يىل كۈتۈۋېلىنغان ئادەم سانى 1 مىليون 250 مىڭغا يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر