باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«زۇڭلىغا بىر ئېغىز سۆزۈم بار» بىر ئايدا 61905 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

تور ئەھلىنىڭ پىكىرلىرى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلىدۇ

2016.03.04 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «زۇڭلىغا بىر ئېغىز سۆزۈم بار» تور ئەھلىدىن تەكلىپ-پىكىر يىغىش پائالىيىتى 1-مارتقىچە 61905 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر قاتارلىق 11 تور تاراتقۇلىرى بىرلىشىپ 31-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويغان. جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تور ئەھلىدىن توپلانغان تەكلىپ-پىكىرلەر بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىدىغان دوكلاتىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن.

  ئىگىلىنىشچە، تور ئەھلىنىڭ تەكلىپ-بېرىش دائىرىسى ھازىر 18 ساھەنى قاپلىغان، تور ئەھلى دۆلەتنىڭ سىياسەت-فاڭجېنى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پائال تەكلىپ-پىكىر بەرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ساھەلەر ئىجتىمائىي كاپالەت (3776 تەكلىپ)، داۋالاش ئىسلاھاتى (3649 تەكلىپ)، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش (3555 تەكلىپ)، مائارىپ ئادىللىقى (3454 تەكلىپ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر