باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىى دەيمىك دىۋانا يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى

2016.03.03 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دەيمىك دىۋانا مۇنداق دېدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، شىنجاڭ يەنىلا قۇملىشىپ كەتكەن، بالىلار ئېشەككە مىنىپ مەكتەپكە بارىدىغان، كادىرلار ئاتقا مىنىپ ئىشقا بارىدىغان، كوچىنىڭ ھەممە يېرىدە ئېشەك ھارۋىسى ماڭىدىغان رايون. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭدا ئېشەك ۋە ئېشەك ھارۋىسىنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

  دەيمىك مۇنداق دېدى، قاتناش ئەسلىھەسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى بولۇپ قالدى. ئىلگىرى شىنجاڭدىكى چارۋىچىلار چارۋا باققاندا ئات ۋە تۆگە بىلەن نەرسە كېرەكلىرىنى يايلاققا ئاپىراتتى، ھازىر ماشىنا بىلەن ئاپىرىدىغان بولدى.

  دەيمىك مۇنداق دېدى، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا ھەر قايسى تەرەپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر دېھقانلار چىرايلىق، يېڭى ئۆيلەرنى سېلىۋالدى، ئۆيىدە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بار، بۇ شىنجاڭدا ئادەتتىكى ئىش.

  39 ياشقا كىرگەن دەيمىكنى «سىياسىي كېڭەشنىڭ پېشقەدەم ئەزاسى»دېيىشكە بولىدۇ، بۇ يىل ئۇنىڭ 9 -قېتىم سىياسىي كېڭەش ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىشى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى يىغىنلاردا، ئۇ 90 نەچچە پارچە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، كۆپ قىسىم تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان.

  بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، چېگرا رايون ساياھەتچىلىكى، قوش تىل مائارىپى ۋە قاتناش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان 12 پارچە تەكلىپ سۇنماقچى. ئۇ بۇ تەكلىپلەرنى تەييارلاش ئۈچۈن 5 ئايغا يېقىن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر