باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى خەۋەر بەرگەندە « ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان» ئىشلىتىدۇ

2016.03.03 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-مارت چۈشتىن كىيىن، خەلق تورى ئامېرىكا گاۋتوڭ شىركىتى، لىڭدۇجىكوڭ شىركىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن خەۋەر بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى بېيجىڭدا باشلىماقچى. ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن خەۋەر بېرىش ئەتىرىتى قۇرۇپ، چوڭ تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە خەۋەر بېرىدىغان « ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان» نى ئىشقا سالدى.

  تارقىتىش تېخنىكىسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى بىلەن قوبۇل قىلغۇچىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاخبارات خىزمىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، خەلق تورىنىڭ لىدىرى نيو يىپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خەلق تورى قانداق قىلغاندا داۋاملىق پۇرسەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، داۋاملىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ئىزچىل ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئويلىشىدۇ، « پەقەت يېڭىلىق ياراتقۇچىلار كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ، پەقەت يېڭىلىق ياراتقۇچى غەلىبە قىلىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاخبارات ساھەسى ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنە« ھاۋا بوشلۇقىدىكى ماشىنا ئادەم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رادىيو ئارقىلىق يىراقتىن كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۆزى تەييارلىغان پىروگرامما ئارقىلىق كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرىدىغان ئايروپىلان. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جىددىي ئېھتىياج بولۇۋاتقان ئىلغار خەۋەر قىلىش قورالى بولۇپ قالدى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر