باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساياھەت ئىدارىسى يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

60 ياشتىن ئاشقانلار ئۆمەك بىلەن ساياھەت قىلىش توغرا كەلسە ساياھەت ئۆمىكىگە دوختۇر سەپلەش كېرەك

2016.03.03 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى « مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 60 ياشتىن ئاشقانلار بۇندىن كېيىن ئۆمەك بىلەن ساياھەتكە چىقىشتا يېڭى بەلگىلىمە بار بولدى. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «ساياھەت كوپىراتىپى ياشانغانلار ساياھەت مۇلازىمەت ئۆلچىمى» 1-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئىلگىرى ياشانغانلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇزۇش، خەتىرى چوڭ ئويۇن تۈرلىرىنى ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش دەپ قارىلاتتى، ياشانغانلارمۇ ئۆز سالامەتلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىدى .

  داڭلىق ساياھەت مۇتەخەسسىسى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى ساياھەت شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ سىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئۆلچەم» ياشانغانلار ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارغا كونكرېت مىزان تەمىنلىدى. مەنزىرە نۇقتىسى تاللىغاندا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر بار، ئەڭ ياخشىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە، چوڭ دوختۇرخانىغا يېقىن ياتاقنى تاللىشى كېرەك. ئۆمەكلەر بىلەن بىللە كېلىدىغان دوختۇر ساغلاملىق مەسھىلەت يەتكۈزۈپ بېرەلىشى، رېتسېپسىز دورا يازغۇزۇش تەكلىپى بېرەلىشى كېرەك، شۇنداقلا يەنە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى ۋە دوختۇرغا ياردەملىشىپ داۋالاشنى ئېلىپ بېرەلەيدىغان كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە دوختۇر بولۇشى كېرەك. بەلگىلىمىدە يەنە سەپەر ۋاقتى ئۇدا ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى چۈشلۈك دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر