باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئېچىلىدۇ

2016.03.03 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىككى مىڭدىن كۆپرەك سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ئېچىلىش مۇراسىمىدا يۈ جېڭشېڭ بېرىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى نەقمەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ؛ مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تورلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىنى دەرقەمدە خەۋەر قىلىدۇ.

  3-مارت چۈشتىن كېيىن ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىن ئېچىپ، ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىنى سايلاپ چىقىدۇ؛ قۇرۇلتاي رەئىسلەر ئۆمىكى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىك لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ؛ قۇرۇلتاي قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر