باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

140 تارماقتىن ٪60 ئاپتوموبىل توختىتىلدى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

2016.03.02 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1-مارت دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، يەرلىكتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان، مەركەز كارخانىسى، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى باشلىنىپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى 140 تارماقتىن ئىسلاھ قىلىنغان ئاپتوموبىللار پېچەتلەنگەن، شوپۇر خىزمەتچىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تولۇقلىما جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، ئاپتوموبىللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاشكارا بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغان كىرىمنىڭ ھەممىسى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان، ئىسلاھات تەدبىرلىرى غەلىبىلىك ئەمەلىيلىشىپ، ئىسلاھاتتىن كېيىنكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىشقا ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغان.

  دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى 140 تارماقتىن 3868 ئاپتوموبىل توختىتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 2391 ئاپتوموبىل ساقلاپ قېلىنغان، توختىتىلغان ئاپتوموبىللار ٪62كە يەتكەن. تارماقلاردىكى ئىسلاھاتقا چېتىلىدىغان مەمۇر 49355گە يېتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى قاتناش تولۇقلىما ئۆلچىمى مەھكىمە، ئىدارە دەرىجىلىك ھەر بىر كىشىگە ئايدا 1300 يۈەن، باشقارما دەرىجىلىككە 800 يۈەن، بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەرگە 500 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىنغان. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى ئارقىلىق تېجەپ قالغان چىقىم نىسبىتى ٪10.5 بولغان. شوپۇر خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشىخانا ئۆي خىراجەتلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇش ۋە ئىجارە ھەققى قاتارلىق يوشۇرۇن چىقىملارنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلىغاندا، ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىدا ئەمەلىي تېجەپ قالغان چىقىم نىسبىتى يەنىمۇ ئاشىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر