- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى يېپىلدى
2016.02.29 14:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا چوڭقۇر دېڭىز ئاستى رايونىدىكى بايلىقنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 42-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلات نۇسخىسى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى ھەمدە كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ھاۋالە قىلىندى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى قاراپ چىقىش پىكىرىگە ئاساسەن دوكلات نۇسخىسىغا زۆرۈر تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلارنىڭ ئىسىملىك لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، يەنە كادىرلار ئىشلىرى بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئاۋازغا قويۇلدى.
يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغاندىن كېيىن جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر بۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا. سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، توغرىلىنىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە خىزمەت توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بارلىق ۋەكىللەر بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يىغىندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرلىكتە تاماملاپ، يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ھەقىقەت ئىزدىنىلگەن، ئىلغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىش كېرەك. جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1-، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، تەرەققىيات ئورتاق قارىشىنى مۇجەسسەملەپ، قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2-، ئۈچتە قاتتىق،ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى يىغىن ئىستىلىنى ساقلاپ، ھەقىقىي ئەمەلىي بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، تىرىشچان، تېجەشلىك بولۇشقا ئەمەل قىلىش، 4 ناتوغرا ئىستىلنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىننىڭ پاك، ئادىل، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 3-، پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان خىزمەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21-قېتىملىق مەخسۇس لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لى گوشىن " ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەپەككۇر" دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. يېپىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن جاڭ دېجياڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 65-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئالاقىدار لايىھەلەر ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلات نۇسخىسىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر