باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

23 تارماق تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بەردى

2016.02.29 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، قاتارلىق 23 تارماق تەشكىللەپ يولغا قويغان تېلېگراف، توردىكى يېڭىچە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا مەخسۇس زەربە بېرىش، تىزگىنلەش ھەرىكىتى ئۆتكەن يىلى 1-نويابىر قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسىدىن 27مىڭى پاش قىلىندى، 9432 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ 160 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىدارى زىيىنى قايتۇرۇپ كېلىندى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ، شياڭگاڭ، تەيۋەن ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ھىندونېزىيە، كامبودژا، تايلاند، لائوس، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى ساقچى دائىرىلىرى بىلەن دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 953 نى قولغا ئالدى، تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسىدىن 4200دىن كۆپرەكىنى پاش قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر