باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو جىنلۇڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى

2016.02.29 14:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ شىۋېيتسارىيە ۋاقتى 24- فېۋرال- بېيجىڭ 2022 -يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، 2022 -يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەرلەرنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇسىيەلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇكوف ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلۇڭ تۈنۈگۈن باخ ۋە جۇكوفقا ئايرىم ئايرىم خەت ئەۋەتىپ، ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالدى ھەم رەھمەت ئېيتتى، جۇكوفنىڭ رەئىس بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  گو جىنلۇڭ باخقا يازغان خېتىدە، ئۇنىڭ بېيجىڭنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئاۋۋالقىدەك قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دېدى،«ئىشىنىمەنكى جۇكوفنىڭ رەھبەرلىكىدە ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى جەزمەن ھەر تەرەپتىن قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. «2020- يىللىق ئولىمپىك قارالمىسىنىڭ روھى بويىچە، بىز ۋە ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.»

  گو جىنلۇڭ جۇكوفقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى، سىز بىزنىڭ قەدىناس دوستىمىز، جۇڭگو ۋە بېيجىڭدا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدىڭىز، بىزنى ئەتراپلىق چۈشىنىسىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىكى ئېڭىمىز ، ئۈمىدىمىز ۋە پىلانىمىز توغرىسىدا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە، بۇ شەكسىز بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزغا ياخشى ئاساس سالىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر