باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە پەرقلىق كىرىمنى ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى تۈزۈپ چىقىلىدۇ

2016.02.29 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تكنۈگۈن ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرگە نۇقتىلىق توپلارغا قارىتىلغان پەرقلىق كىرىم تەقسىماتىنى ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، كىرىم تەقسىمات ۋەزىيىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىشنى يېڭى بىر ئايلانما كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ماكرولۇق تەقسىمات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا يېڭى بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىش، كىرىم تەقسىمات سىياسىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ، ئادەم كۈچى مەبلىغى ئامىللىرىنىڭ تەمىنلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا پىشاڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، بايلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش ئارقىلىق، ئىقتىساد ۋە كىرىمنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىدەك ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ سالماق ئىلگىرىلەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر