باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلدى

ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.02.18 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاشكارا بولۇشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش، ئاشكارىلىماسلىقتىن مۇستەسنا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت ۋە نەتىجىدە ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك-دىيانەتلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلغىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ناچار تەسىر تىزىملىك تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە پائال، پۇختا يۈرگۈزۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل تەرتىپى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاشكارىلاپ، ئاشكارىلاشنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى پائال قاتناشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا، ئوچۇقلۇقى بىلەن خەلقنىڭ چۈشىنىشى، ئىشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر