باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە جايلارنىڭ چوڭ تىپلىق پائالىيەتلىرى بىخەتەر، تەرتىپلىك بولدى

كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشىغا چېتىلىدىغان يول قاتناش ھادىسىلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازلىدى

2016.02.14 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 7-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ تىپلىق بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن، نۇقتىلىق ساياھەت شەھەرلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولغان، زور ئوت ئاپىتى، قاتناش ھادىسىسى، پوجاڭزا پارتلاش، قىستىشىپ دەسسىلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

  چاغان مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە 2298 مەيدان چوڭ تىپلىق پائالىيەت بىخەتەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، 5A دەرىجىلىك نۇقتىلىق 27 ساياھەت، مەنزىرە رايونىدا قىستىشىپ دەسسىلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. نەنجىڭ شەھىرى چارلاش ئالاھىدە ساقچىلىرىنى 24 سائەت چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىپ، خەۋپنى يوقاتتى. گۇاڭجۇ شەھىرى ستېرېئولاشقان چارلاش-مۇداپىئەلىنىش خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، يىڭچۈن گۈل بازىرى، باغچا قاتارلىق ئادەم زىچ ئورۇنلاردا خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش-كونترول قىلىش ۋە جىددىي دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدىدى. چىڭدۇ شەھىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن جىنشا قۇياش بايرىمى، مۈشۈكئېيىق چىراغ بايرىمى قاتارلىق 24 چوڭ تىپلىق پائالىيەت ئورنىنىڭ ئەتراپىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە 14 مەنزىرە رايونىنى چارلاپ مۇداپىئەلىنىش-كونترول قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نەق مەيدان تەرتىپىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلدى. ۋۇخەن شەھىرى گۇييۈەن ئىبادەتخانىسىدا تىلاۋەت قىلغان 500 مىڭ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نەق مەيداننىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر