باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئېنىقلاش خىزمىتى باشلاندى

2016.02.14 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2016 - يىللىق مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. دۆلەت مۈلكىنى ئېنىقلاش خىزمىتى 2016- يىلى 1-ئايدىن 10-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرىلىدۇ.

  مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۈلۈك ئېنىقلاش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇلارنىڭ مالىيە تارمىقى، مەسئۇل تارماقلىرى ۋە مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلىرى، مەخسۇس خىزمەت تەلىپى ياكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي ھەرىكەت تەلىپىگە ئاساسەن، بەلگىلەنگەن سىياسەت، خىزمەت تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارغا ھېسابات ئېنىقلاش، مال–مۈلۈكنى ئېنىقلاشنى ئېلىپ بېرىش، قانۇن بويىچە تۈرلۈك مال-مۈلۈك زىيىنى ۋە مەبلەغ ھېسابقا ئېسىپ قويۇشنى ئېتىراپ قىلىش، مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئىگىلەش، ئىشلىتىش ئەھۋالى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان خىزمەت.

  بۇ قېتىمقى مۈلۈكنى ئېنىقلاش دائىرىسى 2015-يىلى 31-دېكابردىن ئىلگىرى ئاپپارات–ئىشتات باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مالىيە ۋە بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىدىغان ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار؛ خەلق ئارىسىدىكى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلىرىنىڭ بوغالتىرىيە تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ھەمدە مالىيە تارماقلىرى بىلەن خىراجەت پۇل بېرىش مۇناسىۋىتى بار ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر