باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل نامراتلارغا بېيىش يولى ھازىرلاپ بەردى

2016.02.14 12:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش-پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشىلاش-ھەر قايسى تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارالما كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە «ئون بىلەن تولۇق قاپلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، كوچىلارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئۆلچەملىك شىپاخانا، ئەلنەپ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قىلدى.

  ئوردوس شەھىرى دالۇ بازىرى شياۋتەنزى كەنتىدىكى جاڭ جۈنۋېي ئون بىلەن تولۇق قاپلاش قۇرۇلۇشىنىڭ يېزىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئالدىنقى ھەپتە، ئۇ ئىشلەمچىلىك قىلغان شەھەردىن موتوسىكلىت بىلەن يۇرتىغا قايتتى، ئۇ يولدا كېلىۋېتىپ، يول بويىدىكى كەنتلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدىكى يۇرتىنىڭ توپا تاملىق ئۆيلىرى، توپىلىق يوللىرىنىڭ ئورنىنى يورۇق پىششىق خىشلىق ئۆيلەر ۋە سېمونت يوللار ئالغان ئىدى. شياۋتەنزى كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، سىملىق تېلېۋىزور بار ئىدى، كەنتتە يەنە تاللا بازىرى، شىپاخانا، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلار ئېچىلغان ئىدى. جاڭ جۈنۋېي يۇرتۇم ھەقىقەتەن گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ، كېلەر يىلى مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەيمەن، كەنتتە بېلىق كۆلچىكى ئىجارىگە ئېلىپ، ياخشى ئىگىلىك تىكلەيمەن دېدى.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شىن لىجۈن مۇنداق دېدى: بۇرۇن كەنتتىكى ياشلار ئاساسەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەيتتى، بۇ يىل نۇرغۇنلىرى قايتىپ كەلدى، بەزىلىرى كۆچەت تىكتى، بەزىلىرى بېلىق باقتى، بەزىلىرى دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، بۇ يىل 400 دىن ئارتۇق ئادەم قايتىپ كەلدى، بۇ خىل ئۆزگىرىش-ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يولغا قويغان ئون بىلەن تولۇق قاپلاش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى.

  ھازىرغىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى «ئون بىلەن تولۇق قاپلاش» قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان كەنت توققۇز مىڭدىن ئاشتى، 360 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى ئىللىق، ئازادە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئىككى مىليون ئون مىڭ دېھقان-چارۋىچى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى بىخەتەر سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئون بىلەن تولۇق قاپلاشمۇ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ 12 مىليارد 500 مىليون يۈەن جۇغلاپ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مەدەنىيەت، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆزگىرىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەۋاتقان گۈزەل كارتىنىسىنى يەنە بىر تەرەپتىن تەسۋىرلەپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر