باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى شياڭگاڭدىكى توپىلاڭ ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2016.02.14 12:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي ئۈلۈشكۈن شياڭگاڭدا توپىلاڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ساقچى تەرەپنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ھەمدە شۇنداق قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ دېدى.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: 9-فېۋرال سەھەردە شياڭگاڭ ۋاڭجياۋ رايونىدا يەرلىكتىكى قىسمەن ئەسەبىي، بۆلگۈچى تەشكىلاتلار باش بولۇپ پىلانلىغان توپىلاڭ ۋەقەسى يۈز بەردى، قىسمەن توپىلاڭچىلار يوللارنى توسۇپ، نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ، ساقچى ماشىنىلىرىنى ۋەيران قىلدى ھەمدە ساقچىلارغا تاش ئاتتى، يارىلانغان ساقچىلارنى ئۇردى، 89 ساقچى ۋە بىرقانچە مۇخبىر يارىلاندى، شياڭگاڭ ساقچىلىرى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنى تېز بېسىقتۇردى، شياڭگاڭ جەمئىيىتى توپىلاڭنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك ئەيىبلىدى، ساقچى تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خوڭ لېي مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت، جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى تەرەپنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنى قەتئىي قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر