باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەندە يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ پەرقى بىكار قىلىندى

2016.02.09 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» ئالدىنقى كۈنى خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سىرتقا ئېلان قىلىندى، يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ پەرقى رەسمىي بىكار قىلىندى.

  «چارە»دە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى نوپۇسلارنى تىزىملاپ باشقۇرۇشتا، يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىنىڭ خارەكتېر پەرقى بىكار قىلىنىپ، بىر تۇتاش ئاھالىلەر نوپۇسى قىلىپ تىزىملىنىش بەلگىلەندى. شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىنىش شەرتىگە چۈشىدىغان، يېزىدىن شەھەرگە كۆچىدىغان، ئەسلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ نوپۇسقا ئېلىنىش تەلەپ قىلىنغانلار كىملىك گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق نوپۇسىنى ئەلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  بۇ باشقۇرۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نوپۇس باشقۇرۇشتا «ئائىلە» بىرلىك قىلىنىدۇ. «ئائىلە» ئائىلە نوپۇسى، كوللېكتىپ نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «چارە» يەنە ئائىلىلىك بولۇش، ئائىلە ئايرىش، تۇغۇلۇشنى تىزىملاش، ئۆلگەنلىكنى تىزىملاش، كۆچۈپ كىرىشنى تىزىملاش، كۆچۈپ چىقىشنى تىزىملاش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، تىزىمدىكى تۈرلەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر