باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل چاغان ھارپىسىدا ئۈندىداردا ئۆتكەن يىلدىكىنىڭ 8ھەسسىسىچىلىك قىزىل بولاق تارقىتىلدى

2016.02.09 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈندىدار تەرەپ 8-يانۋار 2016-يىللىق چاغان ھارپىسىدىكى قىزىل بولاقنىڭ ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. چاغان ھارپىسى كەچتە ئۈندىدار قىزىل بولاققا قاتناشقان ئادەم سانى 420مىليون بولۇپ، تارقىتىش-قۇبۇل قىلىش ئومۇمىي سانى 8مىليارد 80مىليونغا يەتكەن. بۇ 2015-يىللىق چاغان ھارپىسىدىكىنىڭ 8ھەسسىسىگە يەتكەن. يۇقىرى پەللىسىدە ھەر سىكونتىغا 409مىڭ قىزىل بولاق تاقىتىلغان ۋە قۇبۇل قىلىنغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، دوستلار چەمبىرىكىدە سۈرەت ئەۋەتىش ئىقتىدارى ئاساسىدا، چاغان ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ۋە قىزىل بولاق ئىقتىدارى بىلەن بىرىكتۈرۈلۈپ، ئۈندىدار تەرەپ چاغان ھارپىسىدا قىزىل بولاقلىق سۈرەت ئويۇنى چىقاردى. كۆپلىگەن قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 29مىليون پارچە قىزىل بولاقلىق سۈرەت تارقىتىلدى، قىزىل بولاقلىق سۈرەتتە ھەمتۈرتكە سانى 192مىليون قېتىمدىن ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىل بولاق سىلكىش پائالىيىتىدە جەمئىي 182مىليون قىزىل بولاق سىلكىپ چىقىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر