باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى 4-قېتىملىق سۇرىيىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى

2016.02.05 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈنۈگۈن 4-قېتىملىق سۇرىيىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: سۇرىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ھەم جىددىي ياردەم بېرىشكە ھەم تۈپتىن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت تېخىمۇ تېرىشىپ، سۇرىيىنىڭ سىياسىي مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ-سۇرىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى سۇرىيە خەلقى ئۇچرىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۇرىيە مۇساپىرلىرى دۇچ كەلگەن ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئاشلىق ياردەم قىلىدۇ. جۇڭگو سۇرىيە خەلقى، جۈملىدىن چەتئەللەردىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، سۇرىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە داۋاملىق پائال تۆھپە قوشۇپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر