باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت - ياقا، ئاساسىي قاتلامغا قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا بولغان تەلەپ چۈشۈرۈلسە بولىدۇ

2016.01.25 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان« جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە كۆرستىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك ساقچى قوبۇل قىلىشنى ئۆلكە، ئـاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قاتارلىق بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش ئېلىپ بارىدىكەن، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن ساقچى قوبۇل قىلسا بولمايدىكەن.

  «پىكىر»دە 3 يىلدىن 5 يىلغىچە تۈرگە ئېنىق ئايرىلغان، ھوقۇق-جاۋابكارلىقى ئايدىڭ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى قېلىپلاشقان، مۇكەممەل، ئاددىي، ئۈنۈملۈك بولغان ساقچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى تۈزۈمى سېستىمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساقچى قوبۇل قىلىش ھوقۇق دائىرىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا دەرىجىگە ئايرىپ تەشكىللەشتىن ئۆلچەملىك بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ساقچى قوبۇل قىلىشتا ئۆلكە، رايون، شەھەرنى بىرلىك قىلىپ، بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ساقچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ « كىرىش » ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى ساقچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ نوپۇزى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش ساقچى قوبۇل قىلش ئىمتىھانىنى« 4 - دەرىجىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئىمتىھان»غا كىرگۈزۈسە ياكى مەخسۇس تەشكىللىسىمۇ بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ساقچى قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەركەز قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ مۇنتىزىملىشىش، ئىختىساسلىشىش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ئىكەن. ئۈچ ئورۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئاشكارە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. جايلاردا يىللىق ساقچى قوبۇل قىلىش پىلانى، خىزمەت لايىھىسى، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ۋە ج خ مىنىستىرلىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدىكەن. تۆمۈر يول، قاتناش، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، ئورمانچىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلارغا ساقچى قوبۇل قىلغاندا مۇشۇ پىكردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر