باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇڭ لېي:جۇڭگونىڭ يۇڭشۇ ئارىلىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئايرودۇرۇمنى تەكشۈرۈشى ئەقىلگە مۇۋاپىق

2016.01.15 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن: جۇڭگونىڭ يۇڭشۇ ئارىلىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئايرودۇرۇمنى تەكشۈرۈشى ۋە ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلاننى سىناق ئۇچۇرۇشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئۇسۇلغا مۇۋاپىق، جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ زاكونلىشىشىدىن ھەيران قالدى ھەمدە بۇنى چۈشەنمىدى، دېدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋىيېتنام 13-يانۋار «جۇڭگو بۇندىن ئىلگىرى دىپلوماتىك يوللىرى بىلەن ۋىيېتنام قاتناش مىنىستىرلىقىغا ئۇچۇش پىلانىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى ۋىيېتنام خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، ئالاقىدار ئۇچۇش خەلق ئىشلىرى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولدى» دېگەن. خۇڭ لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ سەۋەبسىز توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئالاقىدار ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن يەنى بېيجىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 28-دېكابىر سائەت 17دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە خەلقئارا ئادەت بويىچە خۇجىمىن ئۇچۇش ئۇچۇرى رايونىدىكى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا جۇڭگونىڭ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش پىلانى ۋە لىنىيەسى قاتارلىق كونكرېت تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئۇقتۇرغان. خۇاڭ لېي يەنە: بىز ۋېيتنامغا شۇنى قايتا ئەسكەرتىمىزكى جۇڭگونىڭ يۇڭشۇ ئارىلىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئايرودۇرۇمدا تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئۇچۇش پائالىيىتى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئۇسۇلغا مۇۋاپىق، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر