باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

2016.01.13 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 11-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىدە چىڭ تۇرۇش كونكرېت ۋاقتىنىڭ قانچە ئۇزۇن بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە: پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىدە ئاز دېگەندىمۇ 20، 30 يىل چىڭ تۇرۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  ۋاڭ پېيئەن جاۋابەن مۇنداق دېدى: تۈپ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكىدە چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن. بىر تەرەپتىن 2030-يىلىرىنىڭ ئەتراپىدا بارغاندا ئىلىمىز نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن بىر مىليارد 450 مىليونغا يېتىدۇ، 2050-يىلىغا بارغاندا تەخمىنەن بىر مىليارد 380 مىليون بولۇشى مۇمكىن، نوپۇس كۆپ بولۇشتەك تۈپ دۆلەت ئەھۋالى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نوپۇس بىلەن بايلىق مۇھىتنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىمۇ ئۇزاق مەزگىل ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، بىز بىر تەرەپتىن ئاز ۋە ساز تۇغۇشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇغۇت قارىشىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلىتىمىزدە يەنە ئاز تۇغۇش بىلەن كۆپ تۇغۇش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تۇغماسلىق بىلەن نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھۋللىرى مەۋجۇت، مەسىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئاھالىلارنىڭ تۇغۇش ئارزۇسى كۆرۈنەرلىك ئاجىز، كىچىك شەھەر-بازارلار بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدا ئاھالىلارنىڭ تۇغۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپمۇ نامرات رايونلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلار، مەسىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نوپۇسى يەنىلا ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشماقتا، يەنە كېلىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 80 دىن ئارتۇق نامرات ناھىيەنىڭ خېلى كۆپ رايونلىرىدا تۇغقانسىرى نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلاشقانسېرى تۇغۇۋېرىش ھادىسىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر