باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى ئۆلكىلەر 13-بەش يىللىق پىلاننى ئېلان قىلدى

2016.01.13 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىلى باشلاندى، ھەر قايسى ئۆلكىلەر، شەھەرلەر ئۆزلىرىنىڭ 13-باش يىللىق پىلانلىرى ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلدى. 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىنى رەتلەپ ئېلان قىلغان جايلاردىن گۇاڭدۇڭ، خېبېي، گۈيجۇ، يۈننەن، نىڭشيا، خەينەن ئۆلكىلىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، تيەنجىن شەھىرى قاتارلىقلارنىڭ پىلان تەكلىپلىرىدە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىسانىنىڭ سانلىق قىممەتلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي رايوندىكى قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، يۈننەن ئۆلكىسى يىلىغا ئوتتۇرچە 8.5 پىرسەنت ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرغا قويدى، گۈيجۇ ئۆلكىسى يىلىغا ئوتتۇرچە ئون پىرسەنت ئەتراپىدا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئىككى خانىلىق ئېشىشنى ساقلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ھازىر، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى. جايلار ئېلان قىلغان 13-بەش يىللىق پىلان تەكلىپىگە ئاساسەن، قىسمەن رايونلارنىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر