باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىنچۈەن ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبوسىغا ئوت قويۇش دېلوسىدىكى ھەر بىر قازا قىلغۇچىغا بىر قېتىمدىلا 750 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

2016.01.12 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يىنچۈەن«5- يانۋار»ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبوسىدا ئوت قويۇش دېلوسىنىڭ تۆلەم ئۆلچىمى بېكىتىلدى، ھەر بىر قازا قىلغۇچىغا بىر قېتىمدىلا 750 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

  ئىگىلىنىشچە، يىنچۈەن«5- يانۋار» ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئوت قويۇش دېلوسىدا 17 نەپەر يولۇچى قازا قىلغان، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈكى ئېغىر زىيىنغا ئۇچرىغان. ئوت قويۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يىنچۈەن «5- يانۋار» ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئوت قويۇش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار قانۇن – نىزامدا بېكتىلگەن تۆلەم ئۆلچىمى ۋە چارىسى بويىچە، يىنچۈەن شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ھەر بىر قازا قىلغۇچىغا بىر قېتىمدىلا 750 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىدىكەن. (ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى، دەپنە خىراجىتى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى، ئىش دەخلى پۇلى، كۈتۈش ھەققى، قاتناش ھەققى، روھىي زىيان تەسەللى پۇلى قاتارلىق پۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) . نۆۋەتتە، ھەر قايسى كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تەسەللى بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە.

  11-يانۋار ، «5- يانۋار» ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبوسىغا ئوت قويۇش دېلوسىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى يىنچۈەن شەھىرى خېلەن ناھىيەسى شىنلەن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر