باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق خىزمەت نىشانىنى بېكىتتى: ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتى ٪75 كە يەتكۈزۈلىدۇ

2016.01.12 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يىغىنى 11-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل» مەزگىلدىكى ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسى مۇددەت بۇرۇن تاماملاندى، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. 2016-يىلى، ۋىلايەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ 2.5 PMزىچلىقىنى ٪3 تۆۋەنلىتىشكە، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتىنى ٪75كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

  بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت سۈپىتى بىر ئاز ياخشىلاندى

  چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكىلەر گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشتا پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىز بۇلغىملارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ چوڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تورى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ناچار بەشىنچى تۈردىكى يەر ئۈستى سۈيىنىڭ كەسمە يۈز نىسبىتى 2010-يىلدىكى ٪15.6دىن ٪8.8گە تۆۋەنلىدى، چوڭ دەريالارنىڭ غول ئېقىنلىرىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى. تۆت ئاساسلىق بۇلغىمىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ، كىسلاتالىق يامغۇر كۆلىمى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى سەۋىيىگە قايتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر