باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەككىز تەرتىپ تۈزۈپ ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش بېرىشنى قېلىپلاشتۇردى

ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا توردا ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ

2016.01.12 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش بېرىشتە سەككىز تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى: تۈر تۇرغۇزۇش؛ تەكشۈرۈپ مۇزاكىرىلىشىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش پىكىر لايىھەسى يېزىش؛ دەلىللەش ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ مەسئۇل مۇئاۋىن باش تەپتىشكە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، باش تەپتىشنىڭ تەپتىش كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشىغا يوللاش؛ تەپتىش كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ تەكشۈرۈپ بېكىتىش؛ ئىمزالاپ تارقىتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللاش.

  بەلگىلىمىدە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش خىزمىتىدە كونكرېت قانۇن ئىشلىتىش مەسىلىسىدە پەقەت ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭلا ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش بېرەلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

  بەلگىلىمىدە ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە پىكىر ئېلىشنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشتە، ئالاقە تورى، گېزىت قاتارلىق تاراتقۇلاردا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەر ۋە ئاممىدىن ئاشكارا پىكىر ئالىدىغانلىقى بەلگىلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر