- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىنچۈەندە يۈز بەرگەن 17 ئادەم قازا قىلغان ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇۋېتىش دېلوسىنىڭ گۇماندارىنى قولغا ئېلىش تەستىقلاندى
2016.01.11 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۈيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۇەن شەھەرلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى مىكرو بىلوگىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يىنچۇەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يىنچۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سۇنغان جىنايەت گۇماندارى ما يوڭپىڭنى قولغا ئېلىش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلدى.
مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى ما يۇڭپىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلش تۈپەيلىدىن، بۆلۈنمە ھۆددە سودىگىرى بىلەن قەرز ماجراسى يۈز بەرگەن، كۆپ قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ نەتىجىسىز بولغان. ئۇنىڭدا نارازىلىق ھېسسىياتى شەكىللەنگەن ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈستىدە ئوت قويۇش ئۇسۇلنى قوللانغان، جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن، 17 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 33 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» 115 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ پەيدا قىلغان. دېلو قوبۇل قىلىنغان كۈنى ئوت قويۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايەت گۇماندارى ما يوڭپىڭنى قولغا ئېلىش تەستىقلانغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر