باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىدىن پىكىر ئېلىندى

2016.01.11 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى «خەلق ئىشلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھەيدەش ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى سىستېمىسى ئىشلىتىش ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىجارەت پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» توغرىسىدا يېقىندا توردا پىكىر ئېلىپ بولدى. كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپىگە ئالاقىدار قانۇن رامكىسىنىڭ ئېنىقلىشىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپلەرنىڭ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بەزى ئالاقىدار ئەربابلار ئىككىدىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىېتىۋېلىش ياكى ئىجارىگە ئېلىشتا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى جۇڭگودا تىزىملىتىش، ئۇچۇش لاياقەتنامىسى ئېلىش قاتارلىق ماددىلارغا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

  ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنى»، «ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىجارەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى « خەلق ئىشلىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھەيدەش ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى سىستېمىسى ئىشلىتىش ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىجارەت پائالىيىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»نى تەشكىللەپ تۈزدى ھەمدە بۇ يىل 8-يانۋارغىچە ئاشكارا پىكىر ئالدى، بۇ بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر