باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ يۈجۈن تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2016.01.04 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  ياڭ يۈجۈن راكىتا قىسمى قانداق كۈچ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2-توپچىلار قىسمىنى كۆزدە تۇتقاندا ئەمەلىيەتتە ئارمىيە تۈرىنىڭ فونكىسىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتا 2-توپچىلار قىسمى راكىتا قىسمىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. راكىتا قىسمى-ئېلىمىزنىڭ ئىستراتىگىيەلىك تەھدىدىنىڭ يادرولۇق كۈچى، ئېلىمىزنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ ئىستراتىگىيەلىك تىرىكى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئۇلى. بىز راكىتا قىسمىنىڭ فۇنكىسىيەلىك ئورنى ۋە بۇرچ ۋەزىپىسى بويىچە، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان راكىتا قىسمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  ياڭ يۈجۈن راكىتا قىسمى قۇرۇش جۇڭگونىڭ يادرو سىياسىتى ۋە يادرو ئىستراتىگىيەسىنى بەلگىلىك ئۆزگەرتكەنلىكىدىن دىرەك بىرەمدۇ-يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئالدى بىلەن يادرو قۇرالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، مۇداپىئەلىنىش يادرو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، يادرو كۈچىدە باشتىن-ئاخىر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلايدۇ. جۇڭگونىڭ يادرو سىياسىتى ۋە يادرو ئىستراتىگىيەسى ئىزچىل، ھېچقانداق ئۆزگەرگىنى يوق. ياڭ يۈجۈن ئىستراتىگىيەلىك ياردەم قىسمى قانداق كۈچ دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئىستراتىگىيەلىك ياردەم قىسمى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى يېڭى تېپتىكى ئۇرۇش قىلىش قىسمى، ئارمىيمىزنىڭ يېڭىچە سۈپەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى، ئاساسلىقى ئىستراتىگىيەلىكى، ئۇللۇقى، تايانچىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تۈرلۈك كاپالەتلىك قىلىش كۈچىنى فۇنكىسىيەلىك بىرىكتۈرگەندىن كېيىن تەشكىللەنگەن. ئىستراتىگىيەلىك ياردەم قىسمى قۇرۇش-ئارمىيە كۈچى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بىز سىستېمىنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقىنىڭ يۇغۇرلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئىستراتىگىيەلىك ياردەم قىسمىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر