باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر بېسىپ تارقىتىلدى

2016.01.04 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا «دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىرنى» بېسىپ تارقاتتى. «پىكىردە» مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك: توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، كۈچنى كۆرەش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، سېستىمىنى لايىھىلەشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپپەككۈرىدە چىڭ تۇرۇش، ئاكتىپ مۇقىم بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.

«پىكىردە» مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۇداپئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا «ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونىنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىش، ئارمىيە خىلىنى ئاساسلىق قۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، رەھبەرلەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆلەم قۇرۇلمىسى، سىياسەت تۈزۈم ۋە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىسلاھاتىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىدىن ئىلگىرى، رەھبەرلەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆلەم قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سىياسەت تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلاردا مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشقان جەڭدە غەلبە قىلىدىغان، ۋەزىپە ۋە بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋى ھەربىي كۈچ سېستىمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «پىكىردە» يەنە رەھبەرلەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، بىرلىشىپ جەڭ قىلىش قوماندانلىق تۈزۈلمىسى، ئارمىيەنىڭ كۆلەم قۇرۇلمىسى، قىسىمنىڭ تۈزۈلۈشى، يېڭىچە ھەربى ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، سىياسەت تۈزۈم، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە كۈچ قۇرۇلمىسى، ھەربىي ئىشلار قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سېستىمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر