باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ «پىكرى»نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.01.04 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسېر ئەسكەرلىرى بۇنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، پىكىرنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

  ئورگانلاردىن روتىلارغىچە، شەھەرلەردىن چىگرا رايونلارغىچە، باش شىتاپتىن ھەرقايسى چوڭ ئىدارە ئورگانلارغىچە، ئالى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلاردىن ئادەتتىكى ئورگان كادىرلىرىغىچە، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گازارمىلاردىن، چەتئەللەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەرقايسى قىسىملارغىچە، دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىن يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىل قىلىنغان قۇرۇقلۇق ئارمىيسى، راكىتا قىسمى، ئىستراتېگىيىلىك ياردەمچى قىسىمغىچە كوماندېر-جەڭچىلەر پىكىرنىڭ روھىنى قايتا-قايتا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك پىكىردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىي ھەربىي كۈچ سىسىتىمىسى ئورنىتىشنىڭ سەلتەنەتلىك خەرىتىسى سىزىپ چىقىلىپتۇ، نىمە ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، نىمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكى سىتېمىلىق شەرھىلىنىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا يىتەكچى پىكىر ۋە ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ھېسابلاشتى. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «پىكىر»نىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەدبىر كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر