باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇپنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ خېنەن بۆلىكىدە 6 سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشى سېلىنىدۇ

2016.01.04 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لېنىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ خېنەن بۆلىكىدە 6 سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشى سېلىنىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

  خېنەن ئۆلكىلىك جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، خېنەن بۆلىكىدە شۇچاڭ، جېڭجۇۋ، شىنشاڭ، ئەنياڭ قاتارلىق جايلاردا 6 سۇ باشلاش، ساقلاش قۇرۇلۇشى ياسىلىدۇ. سۇ ساقلاش كۆلى ياساش قۇرۇلۇشى 7 كۈنلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىىقتارى بويىچە بېكىتىلىدىغان بولۇپ، باش غول ئۆستەڭنىڭ يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلىرى نورمال تەكشۈرۈپ رىمونت قىلىنغاندا ياكى ئۈشتۈمتۇت ۋەقە يۈز بەرگەندە، سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىغان شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا لېنىيىسى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئۆلكىگە بىۋاستە قاراشلىق 10شەھەرنى قاپلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر