باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ئىستېمالى ئېھتىياجغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى

2016.01.04 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئېكرانلىق كىنولار بېلەت كىرىمىدە ئارقا ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىمۇ كۆپلەپ ئىشلىنىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا. مەدەنىيەت ئىستېمالى ئېھتىياجغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە كەسپى مەبلەغ كويىدا بولىدىغان يېڭى جەلپكار نۇقتىغا ئايلانماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەسىپ مەبلىغى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە كەسپىگە يۈزلەندى. 2015-يىلى جۇجياڭ رويالى، خۇامېي پاينى تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر مەدەنىيەت تاراتقۇ كەسپى فوندى تەسىس قىلدى؛ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە مۇھىم مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىگە ئايلاندى. تاراتقۇلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2015-يىلى پوربىس ژۇرنىلى ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بايلار رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كارخانىچىلارنىڭ سەككىزى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كىنو كەسپىگە ئاياغ باسقان.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت كەسپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جياڭبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى كۆپلىگەن تەرەپلەردىن داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مەبلىغىنى مەدەنىيەت كەسپىگە سېلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە جەلپ قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر