باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رىۋايەتلەردىكى جاڭ شيەنجوڭنىڭ بايلىقى چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن بېكىتىلدى

2016.01.04 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەل ئىچى رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە: مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا جاڭ شيەنجوڭ لەشكەرلىرى سىچۈەندە مەغلۇب بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېقىنىدا چۆكۈپ كېتىپ ، كونكرېت ئورنى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلگەن. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مېيشەن شەھىرى پېڭشەن رايونىغا جەم بولۇپ، پېڭشەندىكى دەريا ئېغىزى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار چۆكۈپ كەتكەن يەنى جاڭ شيەنجوڭ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى چۆكۈپ كەتكەن مەركىزىي رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ جاڭ شيەنجوڭ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىغا بولغان دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتتى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جاڭ شيەنجوڭنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلغان غول ئارمىيىسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى مۇھىم كۈچ ئىدى، ھازىر سۈزۈۋېلىنغان دەريا ئېغىزىدىكى چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت نەق بۇيۇملىرىدىن قارىغاندا، بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى كەڭ جەمئىيەت قاتلىمىغا چېتىلىدۇ. چۆكۈپ كەتكەن بايلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشى جاڭ شيەنجوڭنىڭ ھەربىي يۈرۈش يول لىنىيىسى، ھەربىي تەمىنات يۆنىلىشى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ ، ھەتتا يەنە بىر جەھەتتىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي تۈزۈم قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر