باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يىلدا مەملىكەت بويىچە 230 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەتنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.04 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل كۈنى مەملىكەت بويىچە جەمئىيەت ئومۇمەن مۇقىم، ئامانلىق تەرتىپى ياخشى بولدى، نۇقتىلىق مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ تەرتىپى ياخشى رەتلىك بولدى، مەملىكەت بويىچە ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان 230 مىڭ مەيدان پائالىيەتنىڭ ھەممىسى ئوڭشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، تونۇشتۇرۇلىشىچە، يېڭى يىللىق ئارام مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى جايلاردىن سەپەرگە چىققانلار كۆپ، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت كۆپ بولغان، ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى كۈندە باشقۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئەھۋالىنى ھەقىقى ئىگەللىگەن، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ ئاسايىش كەيىپياتتا بايرامنى خوشال خورام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلغان.

  بايرام مەزگىلىدە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش لايھەسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە بىخەتەر ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ساقچى كۈچىنى ئەڭ چوڭ چەكتە مەھەللە كوچىلارغا ئاجرىتىپ، قانۇنغا خىلاپ دېلولارنىڭ يۈز بېرىش بوشلۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كىچىكلەتكەن. بېيجىڭ شەھىرى 12 نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى ئېچىپ، ساقچى كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چارىلاپ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى، ۋاڭفۇجىن، شىدەن قاتارلىق 14 نۇقتىلىق رايون بىر مىنوتتا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى باشلىدى. شاڭخەي شەھىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلاپ، چوڭ يولۇچىلار ئېقىمىننى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، ئامانلىق ساقلاش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى شۇنداقلا مەخسۇس ساقچى كۈچى تەشكىللەپ، تاشقى ساھىل رايونى كوچىلىرىدا ئوغۇرلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردى، جياڭسۇ ئۆلكىسى 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، سودا رايونلىرى، بېكەت، ۋوگزال، پورت قاتارلىق كىشىلەر كۆپ سورۇنلارنى چارىلاپ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.

  جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بايرام مەزگىلىدىكى قاتناش قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، جىددى ماشىنا يولىنى ئىگەللىۋېلىش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈردى ھەمدە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، شەھەر مەركىزى سودا رايونلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئەتراپتىكى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قائىدسىگە خىلاپ قىلمىشتىن 257 مىڭ قېتىمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوتتىن مۇداپئە كۆرۈش تارماقلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كىشىلەر كۆپ سورۇنلار ۋە كىچىك يېمەك ئىچمەك دۇكانلىرى، مېھمان كۈتۈش، ئاشپۇزۇل ۋە توپ ئىجارە ئالغان ئۆيلەر قاتارلىق ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زور بىر تۈركۈم ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەتىرىنى ۋاقىتىدا بايقىدى ھەمدە تۈگەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر