باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بايرامنىڭ تەسىرىدە بازاردا سودا ئومۇمەن تەكشى، سۇس بولدى

2016.01.04 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ھەپتىدە روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىللىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور مىقدارلىق توۋارلار بازىرىدا سودا ئومۇمەن سۇس بولدى، بازاردا بايرامنى ئاددى ساددى ئۆتكۈزۈش كەيىپىياتى شەكىللەندى، بۇ ھەپتىدە خەلقئارا بازاردا تىپىك روژدېستۋو، يېڭى يىللىق ئارام ئېلىشنىڭ بازار ئەھۋالى كۆرۈلدى، بازاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دەم ئېلىش ۋاقىتىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇن، سودىنىڭ سۇس ئىكەنلىكى، بايرامنى ئاددى ساددى ئۆتكۈزۈش كەيپىياتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ئويلاشتى.ئامېرىكا دوللىرى ئەھۋالدىن قارىغاندا داۋاملىق كۈچلۈك ئورنىنى ساقلىغان، پۈتكۈل 2015-يىلى ئامېرىكا دوللىرى ئومۇمىي جەھەتتىن %9 ئۆرلىگەن، بۇنىڭ تەسىرىدە خەلقئارادا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلى %10 چۈشتى، ئاخرىدا 1061.2 ئامېرىكا دوللىرىلىق چەكنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ ئەمما بۇ خەلقئارادا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قېلىشى، دۆلەت ئىچىدە بازارلار يېڭى يىل چاغانلىق دەم ئېلىش ئارىلىقىدىكى سۇس بازار ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، ئادەتتە يېڭى يىل ۋە چاغان ئارىلىقىدىكى بازاردا سودا سۇس بولىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئادەتتە بازارغا چاغاننى ئاددى ساددى ئۆتكۈزۈش پىسخىكىسى بىلەن قارايدۇ. ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى قەرەللىك مال تەھلىلچىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر سىرتقى بازارنىڭ 8-يانۋاردىكى سانلىق مەلۇماتقا بولغان سەزگۈرلىكى كۈچلۈك، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلاردا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالى كۆرۈلىشى، ياكى مەركەزلىك مەبلەغ سېلىپ، سانلىق مەلۇماتتىن كېيىنكى خەلقئارا بازارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە تەۋەككۈل قىلىىشى، ياكى بىر تەرەپتە كۈزىتىپ، بازارنىڭ يېڭىدىن يول كۆرسىتىشىنى كۈتۈشى مۇمكىن، دېققەت قىلشىقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سىرتقى بازار نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە بىرقەدەر دېققەت قىلماقتا. زور مىقدارلىق توۋارلارنى ئىستېمال قىلغۇچى چوڭ دۆلەت جۇڭگودا يېقىندا مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن بېرىلگەن ئىقتىسادى سىياسەت سىېگنالى دۆلەت سىرتىدىكى ئاساسى مەبلەغ سالغۇچىلار دېققەت قىلغان مەركىزىي نۇقتىغا ئايلاندى، مۇشۇ ھەپتىدە خەلقئارادىكى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو 2016-يىلى ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشى مۇمكىن، بۇ زور مىقدارلىق توۋارلارغا بولغان تەلەپنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما بۇ مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى يەنە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتكەن ھالەتتىمۇ 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئالتۇن بازار قايتا كۆرۈلمەيدۇ، زور مىقدارلىق توۋارلار يەنىلا يەر شارىدا تۆۋەنلەش دەۋرى ھالىتىدە تۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر