باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىل سىغمايدۇ

2016.01.04 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى يۇڭشۇ خادا تېشىدا قۇرغان يېڭى ئايرودرومنى تەكشۈرۈش، ئايروپىلان ئۇچۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ: جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى بار، دېدى. مەلۇم مۇخبىر: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى يۇڭشۇ خادا تېشىدا قۇرغان يېڭى ئايرودرومنى تەكشۈرۈش، ئايروپىلاننى سىناق ئۇچۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارشى تۇرۇپتۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى يۇڭشۇ خادا تېشىدا قۇرغان يېڭى ئايرودرومى پۈتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئايرودرومدا خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىنى سىناق قىلىپ ئۇچاردى، بۇ ئايرودرومنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىە ئۆلچىمىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئالاقىدار پائالىيەتلەر پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار. جۇڭگونىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىل سىغمايدۇ. جۇڭگو ۋېتنامنىڭ ئاساسسىز ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىي قىلماقتا. ۋېتنامنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر