باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر بازار يەر ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2016.01.04 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تەنتەربىيە ئىستىمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى، مالىيە تولۇقلىما بېرىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك، يەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر بازار يەر ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ راسخودىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، تەنتەربىيە تۈرىدىكى كارخانىلاردىن باشقا پۇقراۋى ئورۇنلار قاتارلىقلار ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە تىجارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان تەنتەربىيە مەيدان سارايلىرى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش ھەمدە ئېرىشكەن كىرىمى ئاساسلىقى تەنتەربىيە مەيدان سارايلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇشقا ئىشلىتىش قاتارلىق شەرتلەرگە چۈشسە، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك، يەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر بازار يەر ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كارخانىلار ئىگە بولغان، تىجارەت قىلىپ باشقۇرغان ھەمدە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئالاقىدار كۆلەمگە يەتكەن تەنتەربىيە مەيدانلىرى، تەنتەربىيە سارايلىرى قاتارلىق تەنتەربىيە ئىمارەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك، يېرىدىن ئېلىنىدىغان، ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر بازار يەر ئىشلىتىش بېجىنىڭ يېرىمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر