باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: يېزىلار كوللېكتىپ ئولتۇرۇش قىلىشتىن بۇرۇن تاماق تىزىملىكى، ئادەم سانىنى دوكلات قىلىشى كېرەك

2015.12.31 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلىپ، يېزىلاردا كوللېكتىپ ئولتۇرۇشقا تەشكىللىگۈچى ۋە ئۈستىگە ئالغۇچىلاردىن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى تاماق تىزىملىكى، ئولتۇرىدىغان ئورۇن، ئولتۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى قاتارلىقلارنى شۇ كەنتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇر خادىمىغا ئالدىن دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا (چارۋىچىلىق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە شەھەر-يېزا بىرلەشكەن ئورۇن قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنىدىن باشقا جايلاردا كوللېكتىپ ئولتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەندە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك كۆرۈلدى. يېزا ۋە شەھەر-يېزا بىرلەشكەن جايدىكى ئاممىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا «يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئولتۇرۇش قىلغاندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئولتۇرۇش قىلغاندىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر