باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى كېلەر يىلى 3-مارت ئېچىش تەكلىپ قىلىندى

2015.12.28 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى ۋە مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2016-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ باشلىنىش يىلى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ كېلەر يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ بەھرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش فونكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.

  يىغىندا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار» (لايىھەسى) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىنى كېلەر يىلى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىش، «قارار» لايىھەسىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش تەكلىپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر