باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي تەپتىشتە تەكشۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2015.12.28 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-سانلىق يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى 26-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى، يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2014-يىللىق مەركەز خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىملارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات»ى مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈلدى.

  بۇ قېتىمقى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-مەبلەغ سېلىش خامچوتى، يەرلىك قەرز، لاتارىيە تارقىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش بىلەن تولۇق قاپلاش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سورىغان سوئاللىرى ئۆتكۈر بولۇپ، مەسىلىنىڭ نەق يېرىدىن چىقتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئەستايىدىل، سەمىمىي جاۋاب بەردى، تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى مەركەزنىڭ مەبلەغ سېلىش خامچوتى قانداق قىلىپ تۈرلەرگىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ھازىر مەركەزنىڭ ئۆز دەرىجىلىك خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنى تۈرلەرگىچە كونكرېت ئىنچىكىلەشتۈرۈش نىسبىتى %75 تىن تۆۋەن بولماسلىق تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى بىر ئاساسلىق تەدبىر-مۇھىم تۈرلەر ئامبىرى قۇرۇش بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ يىللىق دومىلىما مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈش كېرەك. ئومۇمەن، مەركەز خامچوتىنىڭ ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر مۇھىم تۈرلەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمىسە، بۇ مەبلەغنى سالغىلى بولمايدۇ.

  مۇھىم تۈرلەر ئامبىرى 11-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىم تۈرلەر ئامبىرىنى دەرىجىگە بۆلۈپ زاپاس ساقلاش، دەرىجىمۇ-دەرىجە تەكشۈرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، ئۈچ يىللىق دومىلىما مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈلۈپ، ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان، دومىلىما ھالەتتە يولغا قويۇلىدىغان زاپاس ساقلاش مېخانىزمى ۋە ياخشى ئايلىنىش شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھەر يىللىق خامچوت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنى تۈرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى.

  مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي يەرلىك قەرز دېگەن ئۆتكۈر مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز چېكى 16 تىرىليون يۈەن بولدى. 15 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنلىك بۇ قەرزنىڭ نىسبىتى %86 بولۇپ، %100 لىك ئاگاھ سىزىقىدىن تۆۋەن، ئومۇمىي جەھەتتىن خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم جايلارنىڭ قەرزى بىر قەدەر كۆپ بولۇش، قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت، ئايرىم جايلاردا قىسمەن خەتەر پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ساقلانماقتا.

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى ليۇ جيايى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى بىلەن قانداق قىلىپ تولۇق قاپلاش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: تولۇق قاپلاش-ئىقتىسادىي تەپتىش ئوبيېكتىدىن قارىغاندا، دۆلەت ئاممىۋى مەبلىغى، دۆلەت مۈلۈكى، دۆلەت بايلىقى ۋە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىرىنسىپى-پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، تەڭ مەسئۇل بولۇپ، تەڭ تەپتىش قىلىش، تەپتىشقا قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تېزدىن تەپتىش قىلىش، تەپتىش قىلىنغان ئىكەن چوقۇم قاتتىق تەپتىش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تولۇق قاپلاشتا، ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاندىن ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ھەم جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىش ئارقىلىق تولۇق قاپلاش كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر