باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى

2015.12.28 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىزدە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلاتنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆسكەن، يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنىڭ 56 پىرسەنتتىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، شەكىلدە ئۆزگىرىش ياساش، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكى خىزمىتى يىغىنى مەزگىلىدە ئاچقان مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاق قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى پەللىگە، يېڭى سەۋىيىگە يۈكسىلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياسىشىنى يېتەكلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىجابىي تۆھپە قوشۇش كېرەك. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئىتتىپاقى جۇڭگوچە ئىتتىپاق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەن-تېخنىكا بايلىقىنى تەڭ قۇرۇش تەڭ بەھرىلىنىش، ھازىرقى تۈر بايلىقلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جانلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا پىلانىدىكى مەخسۇس تۈرلەرنى تىرىشىپ كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بىر تۇتاش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە پەن-تېخنىكا ئىقتىساسلىقلىرىنى بىرلىشىپ تەربىيلەش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر