باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ تۇنجىسى قايتا ئىشقا كىرىشتى

2015.12.28 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شېنجېندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كارخانا 25-دېكابىر تۇنجى بولۇپ قايتا ئىشقا كىرىشتى. ئەمدىلا يېڭى ئورۇنغا كۆچۈپ كىرگەن شېنجېن ۋەنسې شىركىتى تۇنجى ئىناۋەتلىك خېرىدار توختامىنى تاپشۇرۇۋالدى ھەم زاۋۇتقا كېلىپ مال زاكاز قىلغان تۇنجى خېرىدارنى كۈتۈۋالدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ئەن جيەنپىڭ بۇ-بىزنىڭ رەسمىي قايتا ئىشقا كىرىشكەنلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى.

  بۇ-شېنجېن شەھىرى گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدىكى 20-دېكابىر تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 90 كارخانا ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى كارخانا.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە، ۋەنسې شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلاتلىرى، خام ئەشيالىرى، ئىشخانا بىناسى، خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ھەممىسى كۆمۈلۈپ قالغان، دەسلەپكى ھېسابقا قارىغاندا، تەخمىنەن 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتقان.

  لېكىن تاغ گۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، پۈتۈن زاۋۇتتىكى 328 خىزمەتچىنىڭ قايتا ئىش باشلاش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۇ زاۋۇت تېزدىن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە يېڭى زاۋۇت ئۆيى تاپقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر