باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

2015.12.28 09:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-دېكابىر كۈنى گوۋۇيۈەن شېنجېن گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدىكى 20-دېكابىر پەۋقۇلئاددە چوڭ گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى شېنجېن شەھىرىدە ئېچىلدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۈەننىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم تەسىتىقى ۋە كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە مەسئۇليەتچان جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەت ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ، ۋەقەنىڭ خاراكتىرى ۋە مەسئۇلىيىتىنى توغرا بېكىتىپ، تەكشۈرۈش خۇلاسىسىنىڭ ئىلىم، ھەقىقەت، قانۇن، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچان جاۋاب بېرىشى كېرەك.

  ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن يىغىنغا قاتناشقۇچى خادىملار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  « ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 25-دېكابىر گوۋۇيۈەن ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۈەننىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر