باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى يەتتە قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇرۇلدى

2015.12.28 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان جۇڭگو تەرەققىياتى ئىشەنچىسى ھەققىدىكى 2015-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، خەلقنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان ئىشەنچىسى بىرقەدەر كۈچلۈك ئىكەن، تۆتدىن بىر زىيارەت قىلىنغۇچى بۇنىڭغا 100 نومۇر بەرگەن، بۇ ئاممىنىڭ مەركەز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى قوللايدىغانلىقى ۋە قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئايدىن ھازىرغىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇرۇش چىقارغان، ئۇقتۇرۇش قىلىش شەكلى ھەر ئايدا قەرەللىك ئۇقتۇرۇشتىن قەرەللىك ئۇقتۇرۇش بىلەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرگەن.

  9-ئىيۇل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ باش ئىستون سەھپىسىدە ئامما ئەتراپىدىكى 4 ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇردى، ئۇقتۇرۇلغان تىپىك دېلولار جەمئىي 870غا يېتىپ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلنغان دېلو سانى يۈزدىن ئېشىپ كەتتى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 قېتىم مەركەزلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، بۇ مەكرەزنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشلارغا قىلچە يول قويمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېزا كەنت ئاساسى قاتلاملارغىچە چوڭقۇرلىشىپ، تولۇق قاپلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  جۇڭگو تور ئىشلىرى مۇخبىرى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان 7 قېتىملىق مەركەزلىك ئۇقتۇرۇشتا كەنت بازارلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش دېلوسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى، بىر تەرەپ قىلىنغان خادىملارنىڭ كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى باشلىقلىرى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرلىرى، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى، يېزا كادىرلىرى ۋە بازار باشلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭغا چېتىشلىق پۇلنىڭ نەچچە مىڭ يۈەندىن مىليون يۈەنگىچە بارىدىغانلىقىنى، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا نەسىھەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش، يازما تەكشۈرۈش، مەمۇرىي خىزمىتىدىن قالدۇرۇش، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى بايقىدى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى تۆت ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى ئاساسلىق بۇنداق بىرقانچە جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن، بىرىنچى، كوللىكتىپ مەبلىغىغە يەپ ئىچىش، سوۋغا بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى، ئىككىنچى، دېھقانلار ۋە خەلققە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس مەبلەغنى باشقۇرۇپ ئىشلىتىش مەسلىسى، ئۈچىنچى، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى بەلگىلىمە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسلىسى، تۆتىنچى، قانۇن ئىجراسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەمۇرى مۇلازىمەت قاتارلىق روجەك كەسىپ ۋە ساھالەردىكى بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر.

  پاكلىق قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە ۋەزىپىسى يۇقۇرى بولمىسىمۇ ئەمما يەرلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئاممىۋى بايلىقنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ، شۇڭا نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ئوبيېكتىنى بېكىتكەندە ئەيىپلەنگۈچىنىڭ ئەمىلى ۋە مەمۇرىي دەرىجىسىگىلا قارىساق بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر