باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى يىل ۋە چاغاندا بازار باھاسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ

2015.12.24 17:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 23-دېكابىر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلاردىن يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە بازار باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئىككى بايرام مەزگىلىدە جايلار قاتناش باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھادىن ئاشۇرۇپ خالىغانچە باھا ئۆستۈرۈش، باھا سىرتىدا ھەق ئېلىش، خاتا يېتەكلەش خاراكتېرلىك بەلگە قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، يېڭى تىرىك يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل يولى ۋە زور بايرام كۈنلىرى كىچىك ئاپتوموبىللاردىن يول ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەزىرىگاھلارنى باشقۇرغۇچىلار ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن باھا سەۋىيەسى ياكى تۇراقسىز دەرىجىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلماسلىق، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا تۇرغۇزۇش قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يېمەكلىك، ياتاق، مال سېتىۋېلىش، ئېكىسكۇرىيە قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى باھا تەرتىپىنى تىرىشىپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئىستېمال ھالقىسىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر