باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى «پىكىر» نى ئېلان قىلدى

2015.12.03 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلدى. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ قوش ئالاھىدىلىكى تەڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات نىشانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىنىدۇ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا رىقابەتكە ئىگە زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكى كارخانا گۇرۇھى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ قوش ئالاھىدىلىكى تەڭ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، يۇقۇرى بىلەن تۆۋەن تەڭ ھەرىكەتلىنىش، دائىرە بىلەن نۇقتىنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى بويىچە مۇقىم قەدەمدە ئىگىرى سۈرۈش كېرەك، «پىكىر» دە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ تەسەۋۇرى، پرىنسىپى، نىشانى، تەدبىرى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك شەرھىلەندى. خەن چاڭفۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇرۇھلاشتۈرۈش بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، كاپىتال ۋاسىتە قىلىنغان ئانا-بالا شىركەتلەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەدرىجى بەرپا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك كارخانىسى گۇرۇھى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر