باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچىلىرى پارتىيە ئەزاسى بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلىدى

2015.11.20 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچىلەر قوشۇن قۇرۇلۇشى بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بەلگىلىمىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېتەكچىلەرنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشتا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، تۆھپە قوشۇشقا ھېرىسمەن بولۇش، ئىجتىھات بىلەن ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدىيە، سىياسىي تەربىيە كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش؛ ئىدىيە، سىياسىي تەربىيە خىزمىتىگە ئالاقىدار پەنلەردە ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە، بىر قەدەر كۈچلۈك تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تىل سەۋىيەسى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىگە ئىگە بولۇش، سىستېمىلىق ئىش ئورنى تەربىيەسى ئالغان ھەم لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇش قاتارلىق ئۆلچەملەردە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەلگىلىمىدە يەنە ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە بار ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتەكچىلىككە تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم دېگەن يېڭى بەلگىلىمە كۆپەيتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر