باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق بەش ئورۇن ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى

داۋالىنىش ھەققىنى كونترول قىلىپ، داۋالىنىش يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك

2015.11.09 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە يېقىندا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشىنى كونترول قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  داۋالىنىش ھەققىنى كونترول قىلىشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى: 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغىچە، جايلار ۋە رايونلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە مىقدارلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، داۋالىنىش ھەققىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇش كېرەك؛ 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كونترول قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئىچىدىكى شەخسىي چىقىم قىلىدىغان نىسبەتنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، ئاھالىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىش كېرەك.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، داۋالىنىش ھەققىنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر تېز بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، داۋالىنىش ھەققىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۆسۈش ئەھۋالدىمۇ بەلگىلىك نامۇۋاپىق ئامىللار بار، بۇ شەھەر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ھەققىنىڭ داۋالىنىش ھەققىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولۇش، داۋالىنىش مۇلازىمەت مىقدارى بولۇپمۇ دوختۇرخانىدا يېتىش مۇلازىمەت مىقدارى تېز ئېشىش، دورا، چوڭ تىپتىكى تېببىي ئەسلىھەلەردە تەكشۈرۈش، داۋالىنىش ۋە تېببىي ماتېرىياللارنىڭ كىرىمى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر