باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى قارار

(2015-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2015.11.09 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇلۇغ مىللىي قەھرىمان، ۋەتەنپەرۋەر زات، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىق خاتىرە كۈنى. سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى ئەسلەش، سۇن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى، ئىنقىلاب ئىرادىسى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۆگىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ چوڭ ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تىنچ، بىردەك بولۇش چوڭ ئىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئەڭ زور چەكتە پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر